iPhone Screenshots

Description

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم
بۇ دېتال، قۇرئان كەرىم دېتالى ئۆز كاتېگورىيىسىدە ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق دېتال. بۈگۈنگە قەدەر لۇغەت، قامۇس، ئۈن - سىن ، تور ۋە مۇنبەر قاتارلىق ساھەلەردە خېلى ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە دېتاللار ياسىلىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈنگىچە بۇنداق بىر دېتال ياسالغان ئەمەس. بىز ھازىرغا قەدەر ھېچكىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدۇق دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق ئويلاپ قالساق خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ھازىرغىچە بىر نەچچىلىگەن ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋەياكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان دېتاللار خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇ دېتاللار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ۋاقىت ئاجراتقان ياكى ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇنداقتا بۇ دېتالنىڭ ئۆزگىچىلىكى نېمە؟
- بۇ دېتال نۆلدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىلدى.
- يېڭىدىن ۋە ئۆزگىچە لايىھىلەندى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كونا يېزىق، لاتىن يېزىقى ۋە كرىل يېزىقى بىلەن بولۇپ جەمئى ئۈچ خىل شەكىلدە قوشۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىش ياكى تاللاپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولۇشىڭلار ئۈچۈن 2013 – يىلى نەشىر قىلىنغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىمۇ قوشۇلدى. (كېلەر قېتىمقى نەشرىدە قوشۇلىدۇ)
- ئۇيغۇرچىدىن باشقا يەنە ئون نەچچە تىل قوشۇلدى.
- تەپسىر (ھازىرچە ئەرەبچىسى قوشۇلدى، كېلەر قېتىمقى نەشرىدە ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇش نىيىتىمىز بار)، قۇرتۇبى، سەئدىي، بەغەۋىي، ئىبنى ئاشۇر، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە ئەلۋسىيت قاتارلىق ئەسەرلەر قوشۇلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن تورسىز پايدىلىنالايسىز.
- ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- ئايەتلەرنى تاللانغان تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسىدە ھەمبەھىرلەش ياكى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
- بەت ۋە پارە ئالمىشىش ئاسانلاشتۇرۇلدى.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىدىن باشقا بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تورسىز بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئوندىن ئارتۇق داڭلىق قارىمدىن خالىغىنىڭىزنى تاللاپ ئاڭلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى (داۋاملىق يېڭىسى قوشۇلۇپ تۇرىدۇ ئىنشا ئاللاھ).
- قىسقىچە بۇ دېتال لايىھىسى كۆركەم ۋە ئۆزگىچە، ئىقتىدارى ياخشى، قوللىنىشچان. بۇ دېتال پايدىلىنىشىڭىزنى، كېچىسىنى كۈندۈزىگە قېتىپ بۇ دېتالنىڭ كودىنى يازغان، لايىھەلىگەن، تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىڭىز بولسا دۇئالىرىڭىزنى كۈتمەكتە.
جانابى ئاللاھتىن بۇ دېتالنى خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، بىز ئۈچۈن بولسا سەدەقەئى جارىيە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

What’s New

Version 2.0

خاتالىقلار تۈزىتىلدى
ئەپ سىغىمى كىچىكلىتىلدى
يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلدى

Ratings and Reviews

4.5 out of 5
10 Ratings
10 Ratings
Ehatov ,

قولايلىق ئەپ

ناھايىتى ياخشى ياساپسىلەر .
تېخىمۇ تىرىشىڭلار ...

Gooooood53424542542 ,

ئېسىل!!!

بەك ياخشى لاھىيلىنىپتۇ...
ئاللاھ ئەجرىڭلانى ھەسسىلەپ بەرسۇن...
ماشائاللاھ...

Developer Response ,

ئامىن!

Qamaruddin qumluq ,

تەفسىر قېنى؟

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار قۇرئانلار خېلى كۆپ . مەن بۇ ئەپنى تەفسىرى ئىبنى كەسىر ئۈچۈنلا چۈشۈرگەن. ئەمما ھەر قانچە ھەپىلىشىپمۇ تەفسىرنى تاپالمىدىم. تەجىمە كۆزنىكىنىڭ يېنىغىلا تەفسىر كۆزنىكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىڭلارنى، ئۇيغۇرچە تەفسىرنى ئەپكە قوشۇۋېتشىڭلارنى ، بىرەر سۈرىنى ئوقۇۋاتقان بەتتە باش بەتكە قايتقىلى بولىدىغان قىلىشىڭلارنى تەكلىپ قىلىمەن

Developer Response ,

ئەمرىڭىزنى ئورۇنداشقا تىرىشىلى، تەقسىر!

Information

Seller
Abdullah karakas
Size
86.2 MB
Category
Books
Compatibility
Requires iOS 8.1 or later. Compatible with iPhone, iPad, and iPod touch.
Languages
English
Age Rating
Rated 4+
Copyright
© 2017
Price
Free

Supports

  • Family Sharing

    With Family Sharing set up, up to six family members can use this app.

More By This Developer

You May Also Like